ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى يارقىن نامايەندە ــــ ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۆرۈپ – ئادەت بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇ بەزىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۆرۈپ – ئادەتنىڭ بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىشىدىكى، ئاسسىمىلياتسىيەدىن ساقلاپ قېلىشتىكى رولىنى بىز، مانجۇ ۋە تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنى ياخشىراق كۈزەتسەكلا ئۆرۈپ – ئادەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. …